يېقىندا خىتاينىڭ يېڭى خاككېرلىق قورالى بايقالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى بۇ قورالنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى «Symantec»نىڭ بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق خاككېرلىق قورالىنى بايقىغانلىقىنى، ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كىشىلەرنىڭ بۇ قورالنى بايقىيالماي كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت يېقىنقى ئايلاردا بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئۇچۇرنى چەت ئەللىك شېرىكلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان. Symantec شىركىتى دۈشەنبە ئۆزى تەتقىق قىلىپ بايقىغان «داشىن» (DAXIN) دەپ ئاتىلىدىغان خاككېرلىق قورالىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىلايتون رومانس: «بىز ئىلگىرى بۇ نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغان، بۇ بىز ئېرىشمەكچى بولغان ئۇچۇرلاردىن بىرى» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى داۋاملىق مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ ئۆزلىرىنىڭمۇ خاككېرلارنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، ھەر خىل تور ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
تور تەھدىتى بىرلەشمىسىنىڭ باش تەھلىلچىسى نېيل جېنكىنسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ئىكەن. ئىنچىكە تەتقىق قىلمىغان تەقدىردە بۇنى بايقاش ناھايىتى تەسكە توختايدىكەن.
Symantec نىڭ تېخنىكا دىرېكتورى ۋىكرام تاكۇر: «شىركەت مەزكۇر يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالنى خىتايغا باغلايدۇ. چۈنكى داشىننى ئاساس قىلىپ قۇراشتۇرۇلغان زاپچاسلار ۋە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك باشقا كومپيۇتېرلارنىڭ خاككېرلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ياكى تور ھۇجۇمىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى بىر ھەقىقەت» دېگەن.
Symantec نىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇم قىلىش كۆلىمى ۋە مۇرەككەپلىكى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ داشىندىن ئىبارەت بۇ خاككېرلىق قورالىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك ئىكەن.
تاكۇرنىڭ ئېيتىشىچە، داشىننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنى، غەربتىن باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەمدە ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ