شەرقىي تۈركىستاننىڭ 500 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك توكى خىتايغا توشۇپ كېتىلدى

خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلار خىتاي رېجىمى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئارقىلىق خىتايغا توشۇپ كەتكەن توك ئېنېرگىيەسىنىڭ 503 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 22-ئاپرېلغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان توك مىقدارىنىڭ 503 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەنلىكىنى، بۇ توكنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ 120 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، باج كىرىم قىممىتىنىڭ 31 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ غايەت زور توك بايلىقى خىتايدىكى 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنىڭ تەخمىنەن يېرىم يىللىق توك ئېھتىياجىنى قامدايدىكەن.

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى غايەت زور دەرىجىدە مول بولۇپ، خىتاي بۇنى بەش چوڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ بىرى، دەپ ھېسابلاپ كەلگەن. شەرقىي تۈركىستان ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2010-يىلىدىكى 14 مىليون 70 مىڭ كىلوۋاتتىن 2022-يىلى 1-ئايدىكى 109 مىليون 30 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، 7.7 ھەسسە ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە توك چىقىرىش گېنېراتورىنىڭ سىغىمچانلىقى 37 مىليون 180 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئېلېكتىر تورى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %34 ىنى ئىگىلىگەن.

خىتاي 2010-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» نامىدىكى تۇنجى يول ھېسابلىنىدىغان قومۇل-دۇنخۇاڭ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇشقا باشلىغان. 11 يىلدىن بۇيان خىتاي ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ بۇ تۈرگە سالغان مەبلىغى 220 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى توك ئېنېرگىيەسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىدىغان لىنىيە تۆتكە يەتكەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايدا ئېنېرگىيە كىرىزىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشكەن. خۇسۇسەن 2021-يىلى خىتاي ئېلېكتىر تورىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى ئۇدا بەش ئاي ئايلىق توكنى سىرتقا توشۇش مىقدارىنى 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشۇرغان. شۇنداقلا توشۇلغان ئوتتۇرىچە توك مىقدارىمۇ 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1095 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2022 12:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق