ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا تىنچ-ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ئەۋەتكەن «جونسون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوت تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 26-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ «جونسون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى، خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى تەشكىللىگەن ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش ھەرىكىتىنى پۈتۈن جەريان بويىچە نازارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم يەنە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقى، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىغا مەدەت بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش جەريانىدا، تەيۋەن ئارمىيەسى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ تۇرغان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24-فېۋرال كەچتە خىتاينىڭ توققۇز كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەنلىكىنى، شۇ كۈنى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا يەنە خىتاينىڭ قىرغۇچى-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ سەككىز قېتىم، توشۇغۇچى-8 تىپلىق تېخنىكىلىق رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ بىر قېتىم كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن خەلقى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. تەيۋەن ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئەنسىرەپ، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ