خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار زور تۈركۈمدىكى ئورگانلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى» ئالدىنقى ھەپتە بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مائارىپىغا ئالاقىدار زور تۈركۈمدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى» 22-فېۋرال ئورگان تور بېتىدە «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ رويخەت گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئۇقتۇرۇشى» ناملىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىغا ئالاقىدار زور تۈركۈمدىكى جەمئىيەت، مەكتەپ، ئۇيۇشمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 160 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەشكىلاتلار تىزىملىكىدە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام  تەتقىقات جەمئىيىتى»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى»، «ئىنتىل ئۇيغۇر كەسپىي مەكتىپى»، «مىراج تېخنىكا مەكتىپى»، «چېگرا رايونى سودا جەمئىيىتى»، «ئاتلان كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى»، «ئاقيار كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى»، «سەرۋى كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى»، «دولان دېھقان رەسساملار ئۇيۇشمىسى»، «قاراقۇرۇم مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى ئالماشتۇرۇش مەركىزى»، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەل ئەسەرلىرى تەرجىمە ئۇيۇشمىسى»، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نەشرىيات ئۇيۇشمىسى» قاتارلىقلارمۇ ئورۇن ئالغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يۇقىرىقى 160 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت رويخەت گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەكلىكى، باشقا ھەرقانداق پائالىيىتىنىڭ قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر تىزىملىكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مائارىپىغا ئالاقىدار كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇقتۇرۇش شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، سانسىزلىغان سەرخىللار تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.

خىتاي رېجىمى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» ناملىق پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا ۋە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. شۇنداقلا ئاتالمىش «مىللەتلەرنى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش» پىكىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرماقتا ۋە بۇ جەرياندا خىتاينىڭ سىياسىتىگە توسالغۇ بولىدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن كۆزدىن يوقاتماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1151 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2022 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق