خوشۇت ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە بۈگۈن 4.6 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، بۈگۈن (28-فېۋرال) سەھەر سائەت 3 تىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.87 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 88.12 گىرادۇس) 4.6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.

نۆۋەتتە يەر تەۋرەشنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىدا ياكى تاغلىق رايونلاردا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلىنمىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 957 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2022 13:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق