قازاقىستان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى

رۇسىيەنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى قازاقىستان پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىش تەلىپىنى رەت قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قوشنىسى ۋە ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى بولغان قازاقىستان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلغان بولۇپ، قازاقىستان ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى جۈمە بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قازاقىستان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىغا چىقارغان ھەمدە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە قوللانغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىككى رايوننى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېلان قىلىش قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. قازاقىستاننىڭ بۇ مەيدانى رۇسىيەگە قوشنا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پۇتىننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىيىتىدىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پۇتىن دۈشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى لۇھانسك ۋە دونېتسك رايونلىرىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. قازاقىستاننىڭ پۇتىننىڭ قارارىنى رەت قىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا رۇسىيە باشچىلىقىدىكى CSTO ھەربىي ئىتتىپاقى 2000 دىن ئارتۇق «تىنچلىق ساقلاش ئەترىتى» ئەۋەتىپ، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان نامايىشنى باستۇرۇشقا ياردەم بەرگەنىدى. بۇ ھەرىكەتتە تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، رۇسىيە باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم ۋەزىيەت پەسەيگەندىن كېيىن، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا قازاقىستاندىن چېكىنىپ چىققانىدى.

قازاقىستاننىڭ بۇ قارارىنى ئامېرىكا قوللىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز قازاقىستاننىڭ لۇھانسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنىمۇ قارشى ئالىمىز» دېگەن.

پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى پۈتكۈل ئۇكرائىنانى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ياكى ئۇكرائىنادا پۇتىنغا بويسۇنىدىغان قورچاق ھاكىمىيەتنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇش دەپ قارالماقتا، شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنىڭ پۇتىننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارا نىيىتىنى نامايان قىلغانلىقى،  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولغان بارلىق دۆلەتلەرگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 747 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2022 11:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق