ۋاڭ يى: رۇسىيەنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك

پۈتۈن دۇنيا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ۋە ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇدا بەش قېتىم شەرققە كېڭىيىش ھەرىكىتى قوزغىغان ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى «قانۇنلۇق تەلىپى»گە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىشى ھەمدە مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاڭ يى 25-فېۋرال ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تىرۇس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بورېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى بونا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ۋاڭ يى سۆھبەتتە خىتاي ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىۋاسىتە سۆھبەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ قارىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىشى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي تېخى تۈنۈگۈنلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۇنۇلغان رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قارار لايىھەسىنى قوللاشنى خالىماي، ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنىدى.

ۋاڭ يى 24-فېۋرال يەنە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە تارىخىي مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2022 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق