خىتاي ئافغانىستاننىڭ قوشنىلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلماقچى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئافغانىستاننىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان ئالتە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ كېلەر ئايدا خىتايدا جەم بولۇپ، تالىبان دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى 25-فېۋرال ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 30-مارتتىن باشلاپ بېيجىڭدا ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئافغانىستان خەلقىنى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدىن قوغداش ھەمدە ئىقتىسادىي يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروفنىڭمۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قۇرەيشى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي يىمىرىلسە، بۇ پاكىستان خەلقىغىلا ئەمەس، باشقا قوشنا دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل رايونغا تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بۇ ئۇچرىشىشقا ئافغانىستاننىڭ يېقىن قوشنىلىرىدىن ئىران، پاكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر يىغىن تالىبان 8-ئايدا ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن بۇيانقى 3-قېتىملىق سۆھبەت ئىكەن. ئالدىنقى قېتىملىق مۇزاكىرە تالىبان غەربنىڭ قوللىشىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا كۈچلەر ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئايدا ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇزاكىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىقى بۇلتۇر ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تالىبان رەھبەرلىرىمۇ خىتايدىكى ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە خىتايدىن ئىبارەت  ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. سۆھبەتتە خىتاي بىلەن پاكىستان ئەمەلدارلىرى تالىبان ۋەكىللىرىگە ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ھەققىدە تەكلىپ بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تالىبانلار ئاۋغۇست ئېيىدا ئافغانىستاننى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكنى ئېلان قىلغان ۋە دۆلەتنى ئىسلامىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بويىچە باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، تالىباننىڭ ئالدى بىلەن ئىسلامىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن ۋاز كېچىشى، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە شەرت قويغان. تالىبان بولسا ئالاقىدار باياناتىدا ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئىسلام ئاساسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاياللارغا ئايرىمچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى، سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 873 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2022 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق