ساياھەتچىنىڭ سىنلىرى خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي ھەر خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىر خىتاي ساياھەتچى تارقاتقان كۆرۈنۈشلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايىتىنى، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ غايىب بولغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئاشكارىلىدى.

سىچۈەنلىك بىر خىتاي ساياھەتچى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يۇتيۇب قانىلىدا بىر نەچچە سىن ئېلان قىلغان بولۇپ، سىنلاردا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھىتىنى تونۇشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ساياھەتچى 2018-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم تۇرپانغا ساياھەتكە بارغان بولۇپ، مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ ھويلا-ئاراملىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى سىنغا ئالغان. بۇ قېتىم ئۇ ئاشۇ كەنتكە قايتا بېرىپ، ئىلگىرى سىنغا ئالغان شۇ ئائىلىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، قايتا تاپالمىغان. ئۇ كەنتتىكى بىر نەچچە كىشىدىن سورىغان بولسىمۇ، ئۇ ئائىلە ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. ھەتتا شۇ كەنتتىكى كىشىلەرگە ئىلگىرى ئېلىنغان سىننى كۆرگەن بولسىمۇ، كەنتتىكىلەر بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان.

مەزكۇر سىندا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى شوئارلىرىنىڭ، تەشۋىقات رەسىملىرىنىڭ ئەتراپنى قاپلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇندىن باشقا مەزكۇر كەنتتە ياشانغان بىر ئۇيغۇر بوۋاي ئاچقان قەدىمىي ئاسار-ئەتىقە مۇزېيىمۇ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئورۇندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاسار-ئەتىقىلەر تىزىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي قاتارلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سۈرەتلىرى كىشىگە بىردىنلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نى ئەسلىتىدىكەن.

ساياھەتچى مەزكۇر كەنتتە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان نۇرغۇن قورۇ-جايلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەن ھالىتىنى، شۇنداقلا ساق قالغان ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئادەم يوقلۇقىنى سىنغا ئالغان بولۇپ، چېقىلغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك پىششىق خىش ۋە سېمونتتىن سېلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا سېلىنغىلى ئۇزاق بولمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. ھەتتا ساياھەتچى خىتايمۇ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، بۇنداق كېتىۋەرسە، مىللىي پۇرىقىنى يوقىتىپ، خىتايدىكى ئۆلكىلەر بىلەن پەرقى قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

نەچچە يىللاردىن بىرى يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتەلمىگەن خىتاي رېجىمى 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى، مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان ھويلا-ئاراملارنى ئاتالمىش «كونا ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا مەجبۇرىي ۋەيران قىلىپ كەلمەكتە.

جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى بىر ھەپتە بۇرۇن ئاچقان تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمەت يىغىندا 2021-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا شەھەر-بازارلاردىكى 231 مىڭ 500 ئائىلىگە چېتىلغان 1714 ئولتۇراق رايوننىڭ چېقىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا 1273 ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى پىلانلانغانلىقى، بۇنىڭ 203 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىگە چېتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1540 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2022 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق