رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ مەسىلىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 25-فېۋرال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىق ھەققىدە قارار لايىھەسى سۇنۇلغان بولۇپ، رۇسىيە بۇ قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان، خىتاي بولسا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، غەرب ئەللىرى ب د ت دىكى بۇ ھەرىكەتنى بىر غەلىبە، رۇسىيەنىڭ خەلقئارادا يالغۇز قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىغان. ئۇندىن باشقا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ھىندىستانمۇ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر قارار لايىھەسىگە بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەن. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا قالغان 11 دۆلەت قارار لايىھەسىنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان. قارار لايىھەسى نۆۋەتتە 193 كىشىلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا تەرىپىدىن قايتا قاراپ چىقىلماقتىكەن.
ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گىرىنفىلد رۇسىيە قارارنى رەت قىلغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ: «خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز دائىمىي ئەزاسى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، قوشنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا سىستېمىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى داۋاملىق قوللايمىز» دېگەن.
رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزىيا بولسا بۇ لايىھەنىڭ رۇسىيەگە قارشى سۇنۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە قارار لايىھەسىنى قوللىمىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتقان.
ئۇكرائىنانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سېرگىي كىسلىتسا سۆز قىلىپ: «رۇسىيەنىڭ قارارنى رەت قىلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى رۇسىيە ناتسىستلارچە ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسىدە رۇسىيەدىن ئۇكرائىناغا قارشى قورال ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش ۋە ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنا زېمىنىدىن دەرھال شەرتسىز چېكىندۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ