خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 24-فېۋرالدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باغلاپ سورىغان كەسكىن سوئالىغا دۇچ كەلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى «ئەسىر يالغانچىلىقى» دەپ ئىنكار قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «نۆۋەتتە رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى رۇس تىللىق خەلقنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش سەۋەبى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنداقتا رۇسىيە خىتاي تەرەپنى ئۇكرائىنا زېمىنىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار بىرەر ئىسپات بىلەن تەمىنلىدىمۇ؟ ئەگەر بولمىسا، سىز بۇنىمۇ ئەسىر يالغانچىلىقى، دەپ ئاتاشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟» دەپ سورىغان.
بۇ سوئالدىن قاتتىق بىئارام بولغان خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى قايتا ئىشلەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە بۇنىڭ «ئەسىر يالغانچىلىقى» ئىكەنلىكىنى قايتا تەكرارلىغان.
خۇا چۈنيىڭ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلار بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى سېلىشتۇرالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
ئۇ يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ بۇرۇنقى ئىبارىلىرىنى تەكرارلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقانلىقى، نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ، دىپلوماتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەرەققىيات ۋە تىنچلىقنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە بىلجىرلىغان.
خۇا چۈنيىڭ فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «رادىكاللىق»قا قارشى قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ فىرانسىيە جەمئىيىتىدە يولغان قويۇلغان تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تەدبىرلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ئىزچىل ئاساسسىز ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.
خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈنكى يىغىندا خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانى توغرۇلۇق كۆپلىگەن سوئاللارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتاشتىن باشتىن-ئاخىر ئۆزىنى قاچۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم