خىتاي رېجىمىنىڭ خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇقلارغا دۆلەتلىك ۋىزا بېرىش پىلانىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خەلقىگە چەت ئەلدىكى ئەنگلىيە پۇقراسى (BNO) ۋىزىسى بېرىش پىلانىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى بۇنىڭغا «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 18 ياشقا توشقان ياكى 1997-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ئەنگلىيەنىڭ چەتئەلدىكى پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان خوڭكوڭلۇقلار بىۋاسىتە ۋىزىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانا باياناتچىسى ئەنگلىيەنىڭ مەزكۇر قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقانلىقىنى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاينىڭ باياناتىدا: «ئەنگلىيە تەرەپ خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى ۋە خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئەسلەتمىسىنىڭ ئالاقىدار قائىدىلىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، خىتاينىڭ قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە پىسەنت قىلمىدى. خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى باھانە قىلىپ، خوڭكوڭ خەلقىگە چەت ئەللىك ئەنگلىيە پۇقراسى ۋىزىسى بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا خىتايغا ۋە خوڭكوڭغا قارشى ئۇنسۇرلارغا پاناھلىق بەردى» دېگەن ۋە خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەنگلىيە 2020-يىلى 6-ئايدا خىتاينىڭ خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى يولغا قويغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاينى «خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى»گە خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. شۇ سەۋەبلىك بۇلتۇر 1-ئايدا خوڭكوڭ پۇقرالىرى ئىچىدە BNO سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلارغا يېڭى ۋىزا بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، چەت ئەللىك ئەنگلىيە پۇقراسى پاسپورتى ئېلىشقا لاياقەتلىك بولغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ بۇ سالاھىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇلتۇر 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 89 مىڭغا يېقىن كىشى BNO ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 76 مىڭ كىشىنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلانغان.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېڭى يولغا قويغان ۋىزا پىلانىنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرى بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ