ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى بارلىققا كەلدى

خىتاينىڭ تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن بىر شارائىتتا، ئەمالارنى نورمال ئوقۇش-يېزىش، مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى يازمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە، بىر يىلغا يېقىن ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلىنىڭ باشلىرىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھارىس موۋبراي قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەردىن بىر گۇرۇپپا قۇرۇلغان. گۇرۇپپىدىكى خادىملار شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى توسقۇنلۇقلار، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق تەكشۈرگەن. ئاخىرىدا ھارىس موۋبراي ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئۇيغۇر ئەمالار يېزىقى ۋۇجۇدقا چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇھىم بىر بوشلۇقى تولدۇرۇلغان.

1825-يىلى فىرانسىيەلىك لۇئىس بىرايلېنىڭ تۇنجى ئەمالار يېزىقىنى ئىجاد قىلىشى بىلەن، ئەما كىشىلەر ئوقۇش-يېزىش، ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ئەمالار يېزىقى ئالتە چېكىت، 64 شەكىلدىن تەركىب تاپقان ئېلىپبە بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا ھەرقايسى تىللارنىڭ ئەمالار يېزىقى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 878 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2022 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق