خىتاي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفون سۆھبىتى قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 24-فېۋرال رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن تېلېفون سۆھبىتى قىلغان. ۋاڭ يى سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئەزەلدىن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە تارىخىي مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى چۈشىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورى ۋاڭ يىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى خىتاينىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى، ئاخىرىدا سۆھبەت ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تەڭشەپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ياۋروپا بىخەتەرلىك مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭمۇ تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ «خىتاي تەرەپ رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى دەپ قارامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا دۇچ كەلگەن، ئەمما جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىدا ئۆزىگە چېكىنىش يولى قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ