خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتىنى قىسقا مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش ۋەقەسى خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك داۋالغۇش پەيدا قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تاكېئو مورى 22-فېۋرال كەچتە توكيودىكى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى ياڭ يۈنى چاقىرتقان ۋە خىتاينىڭ ياپونىيە دىپلوماتىنى قىسقا مۇددەت تۇتۇپ قېلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھىدېئو تارۇمى سەيشەنبە كەچتە بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ياپونىيە ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «ۋىيېننا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەھدىنامىسى»گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىن ياپونىيە تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراشنى، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ياپونىيەنىڭ نارازىلىقىنى رەت قىلىپ، مەزكۇر دىپلوماتنىڭ سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇنى خىتاي قانۇنى بويىچە تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى يەنە ياپونىيەنىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانا خادىمى دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا تۇيۇقسىز خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە بىر نەچچە سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. خىتاي ياكى ياپونىيە تەرەپ تۇتقۇن قىلىنغان دىپلوماتنىڭ ئىسمى ياكى ئورنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، قولغا ئېلىنغان ياپونىيە دىپلوماتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نورمال دىپلوماتىك ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ چارشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياپونىيە دىپلوماتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭ خىتايدا ئۆز سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن بۇ كىشىنى تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئاسىيادىكى زور ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن بولۇپ، خىتاي ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش بار بولۇپ، ياپونىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلىرىدە خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يىرىكلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ