خىتاي بىرلىكسەپ يىغىنىدىمۇ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنى قايتا تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى» يىغىن ئېچىپ، خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى» ۋە «مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى»نىڭ ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىدە يىغىن ئېچىپ، خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر قانۇننى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر قانۇننىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە تارقىتىپ بېرىلگەنىدى ۋە 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغانىدى.

‎خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەن. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلام دىنىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ چۈنلىن بىلەن بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ، «دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەكلىكى، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى» ھەققىدە جار سالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ يەنىلا بۇ تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن تېخىچە ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ بۇ جەھەتتىن قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1113 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2022 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق