رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۈگۈن ئېغىر تەھدىتنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇكرائىناغا «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» باشلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، مەقسىتىنىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پۇتىن سەھەردە سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتقىدا ئۆزىنىڭ باشقا تاللىشى قالمىغانلىقىنى، ئامالسىز بۇ ھەرىكەتنى قوزغىغانلىقىنى، ھەرىكەت دائىرىسىنىڭ ھازىرچە نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە: «مەقسىتىمىز يېقىنقى سەككىز يىلدىن بېرى زومىگەرلىككە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقنى قوغداش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈشكە ۋە ناتسىستسىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېگەن.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى 2014-يىلى رۇسپەرەس بۆلگۈنچى كۈچلەر كونترول قىلغان رايوندىكى خەلقنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن. ئەمما ئۇكرائىنا بولسا بۇ ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئاساسى يوقلۇقىنى، بەلكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى باھانىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك ۋە لۇھانسك رايونىدىن باشقا بارلىق جايلاردا جىددىي ھالەت باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. جىددىي ھالەت 30 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن يەنە 30 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ