رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن خىتاي رېجىمى غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بېرىلگەن جازانى «قانۇنسىز» دەپ دەۋا قىلغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئاشكارىلىغان ۋە جازا يۈرگۈزۈشنىڭ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش يولى ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە، قانۇنسىز جازا ئىجرا قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خۇا چۈنيىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ، سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر يولغا قويغان بىر تەرەپلىمە ۋە قانۇنسىز جازالارنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەردە ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇكرائىنا مەسىلىسى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، خىتاي ۋە باشقا تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر سەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلۈنگەن رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ۋە ئەسكەر كىرگۈزگەنلىكى سەۋەبلىك، رۇسىيەگە قارىتا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى ۋە ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بانكا ۋە مۇھىم شەخسلەرنى نىشان قىلغان جازا پىلانىنى ئېلان قىلغان. گېرمانىيە بولسا رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى توختاتقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ