ب د ت نىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتىنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت نىڭ بېرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە دوكلاتچىسى توم ئاندرېۋس 22-فېۋرال بۇ ھەقتە بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بېرمىنىڭ ھەربىي ھۆكۈمىتىگە 2018-يىلدىن باشلاپ سېتىپ بەرگەن قوراللارنىڭ تۈرلىرى كۆرسىتىلگەن. بۇ قوراللار كۈرەشچى ئايروپىلان، بىرونېۋىك، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە كۆچمە مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ قوراللارنىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا سېربىيەمۇ راكېتا، زەمبىرەكلىرىنى بېرما ئارمىيەسىگە تەمىنلەپ بەرگەن. دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي، رۇسىيە ياكى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە بېلارۇسىيە، ئۇكرائىنا، پاكىستان، كورىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرمىنىڭ غەربىگە جايلاشقان راھىن ئۆلكىسىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان 2018-يىلىدىن باشلاپ، بېرما ئارمىيەسىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن. باستۇرۇش ھەرىكىتىدە 700 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگا مۇسۇلمانلىرى بېنگالغا قوغلاپ چىقىرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بېرمىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى «ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» دەپ ئاتاپ كەلگەن. رۇسىيەمۇ بۇ ۋەقەنى «بېرمىنىڭ ئىچكى ئىشى» دېگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ب د ت نىڭ بېرما سىياسىي ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنغان.
دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا بېرمىغا قورال-ياراغ يۆتكەپ، پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى ھەقىقەتەن ئازابلايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، بېرمىغا قورال يۆتكەشنى چەكلەش ھەققىدە قارار چىقىرىشقا چاقىرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بېرمىدا بۇلتۇر 2-ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەردە كەم دېگەندە 1560 ئادەم قازا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ