شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي كىملىكىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئىران بىلەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مۇسۇلمانلىرىنى شىئەلەشتۈرۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ پىلانلىق ھەرىكەت بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىدا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى.
كەنت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 22-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەرىپىدىن ئىرانغا ئەۋەتىلگەن تۇڭگان ئوقۇغۇچىلار گۈلىستان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى گورگان شەھىرىدىكى «جامىئەتۇل مۇستافا» دەپ ئاتىلىدىغان شىئەلەر مەركىزىدە تەربىيەلىنىدىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تەرىپىدىن ئىرانغا ئەۋەتىلگەن تۇڭگان ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل يېڭى يىل كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەندىن سىرت، شىئە ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە «جامىئەتۇل مۇستافا» مەركىزىدە خىتايلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالغان.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئىران بىلەن خىتاي ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋە تۇڭگانلارنى شىئە مەزھىپىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپ كەلگەن بولۇپ، ئىرانغا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىئە بولۇپ قايتىپ كېلىدىكەن. ئىسلامىي قىممەت قاراشلار دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر چەكلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىرانلىقلارنىڭ شىئە ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىشىغا يول قويۇلغان. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى شىئە مەزھىپىگە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئاشۇرا مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى خەۋەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتتە تۈزۈلگەن. خىتاي بۇ كېلىشىم ئارقىلىق كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۇڭگانلارنى ئىچىدىن پارچىلاش ئارقىلىق، خىتايغا قارشى قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرىكەتلەرنى كونترول قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىغا مەزھەپ تەپرىقىچىلىكى سېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان دەسلەپكى تەييارلىق ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان II نىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى پۈتۈنلەي ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىران شۇ دەۋردىلا شىئە دەۋەتچىلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق خەلقنى شىئەلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، سۇلتان ئابدۇلھەمىدخاننىڭ ئىراننىڭ بۇ مەخپىي پىلانىغا قارشى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئالىملارنى ئەۋەتكەنلىكى تارىخ بەتلىرىدە خاتىرىلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىران شەرقىي تۈركىستاندا ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملاشتۇرغان شىئەلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە تۆت-بەش مىڭ كىشىنى شىئەلەشتۈرەلىگەن بولسىمۇ، يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە خىتاي-ئىران ھەمكارلىقى بىلەن بۇ ساننىڭ 40 مىڭغا يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
نۆۋەتتە بولسا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنى، ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ بارلىق دىنىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن بىرگە، شىئەلەرگە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىنى قوللىماقتا.
خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي ھەر يىلى ئىرانغا ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلاردىن بولۇپ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى سۈپىتىدە ئاشكارىلىماي كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ