خىتاي ئولىمپىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ساختا تەشۋىقاتىنى قايتىدىن باشلىدى

بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى مەزگىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق كۈچىگەن خىتاي رېجىمى ئولىمپىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى قايتىدىن جانلاندۇردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 22-ئاپرېل خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى قاتناشقان.

يىغىندا خىتاي دائىرىلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ باياشات، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ قارا چاپلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. شۇنداقلا چەت ئەللىكلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكرارلىغان.

يىغىنغا يەنە فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست دەپ تونۇشتۇرۇلغان، يىللاردىن بېرى خىتايغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چاپان يېپىش ئۈچۈن «ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ساختا خەۋەرلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرغان ماكسىم ۋىۋاسمۇ قاتناشتۇرۇلغان. ئۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى، نوپۇسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە بىلجىرلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر سىنلىق يىغىنغا رۇسىيە، پاكىستان، ئىران، شىمالىي كورىيە قاتارلىق 13 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى قاتناشقان.

خىتاي رېجىمى ھازىرغىچە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە مەزكۇر تېمىدىكى سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1066 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2022 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق