مۇسۇلمانلارغا قارشى تارقىتىلغان كارىكاتۇر ھىندىستاندا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

ھىندىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ گۇجارات ئۆلكىلىك شۆبىسى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان كارىكاتۇر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 22-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ گۇجارات شۆبىسى تىۋىتتېر، ئىنىستىگرام ۋە فېيسبۇك ھېسابلىرىدا بىر توپ مۇسۇلماننى دارغا ئاسقان كارىكاتۇر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، تىۋىتتېر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۆچمەنلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتماسلىق قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان. ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە فېيسبۇك ۋە ئىنىستىگرامنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلاشقانلىقى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر كارىكاتۇر پارتىيەنىڭ فېيسبۇك ۋە ئىنىستىگرام ھېسابىدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

نۆۋەتتە بۇ قىلمىش قاتتىق ئەيىبلەنگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى «مانا بۇ يېڭى ھىندىستانمۇ؟» دەپ سوئال قويۇشقان، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى «فاشىستلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىستىگەنلىك» دەپ سۈپەتلىگەن.

پائالىيەتچى سارال پاتېل ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلمىشلىرىغا باھا بېرىپ: «ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسى سايلىمىغا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى بالدۇرراق باشلىدى، 27 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنمۇ ئۇلاردا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، دېگەن شوئاردىن باشقا ھېچنەرسە يوق» دېگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن بىر قىسىم ئاشقۇن ھىندى مۇرىتلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا تەتبىقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە جار سالغانىدى. ئارقىدىن ھىندىستاندىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھىجابلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1086 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2022 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق