خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى كۈنلەردە ئېچىلغان بىر نەچچە يىغىنىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دىننى خىتايلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ 152-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى ئاچقان. قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر يىغىندا خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش» سىياسىتى قايتا تەكىتلەنگەن.

ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىن خىزمىتى يىغىنى 21-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، ما شىڭرۈي يىغىنغا دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ چەت ئەلدە تەدرىجىي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆز مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1502 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2022 11:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق