دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەر

ھازىر دۇنيا نوپۇسى يىلدىن-يىلغا تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى كۆپىنچە چوڭ شەھەرلەردە يۈز بېرىدۇ. بۇ شەھەرلەرنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەر دېيىشكە بولىدۇ. بىر شەھەرنىڭ چوڭ شەھەر دەپ قارىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى، شۇنداقلا پاراۋانلىق دەرىجىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بار.

تۆۋەندە 2021-يىلى تەكشۈرۈلۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەر دەپ ئېلان قىلىنغان 30 شەھەرنى رەت تەرتىپى بويىچە دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1. ياپونىيە پايتەختى توكيو، نوپۇسى 39 مىليون 105 مىڭ.

2. ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتا، نوپۇسى 35 مىليون 362 مىڭ.

3. ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى، نوپۇسى 31 مىليون 870 مىڭ.

4. فىلىپپىن پايتەختى مانىلا، 23 مىليون 971 مىڭ.

5. بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى سانپاۋلو، 22 مىليون 495 مىڭ.

6. جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئول، 22 مىليون 394 مىڭ.

7. ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى، 22 مىليون 186 مىڭ.

8. خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرى، 22 مىليون 118 مىڭ. 

9. مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا، 21 مىليون 505 مىڭ.

10. خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى، 21 مىليون 489 مىڭ.

11. ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرى، 20 مىليون 902 مىڭ.

12. مىسىر پايتەختى قاھىرە، 19 مىليون 787 مىڭ.

13. خىتاي پايتەختى بېيجىڭ، 19 مىليون 437 مىڭ.

14. ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرى، 18 مىليون 698 مىڭ.

15. رۇسىيە پايتەختى موسكۋا، 17 مىليون 693 مىڭ.

16. تايلاند پايتەختى باڭكوك، 17 مىليون 573 مىڭ.

17. بېنگال پايتەختى داككا، 16 مىليون 839 مىڭ.

18. ئارگېنتىنا پايتەختى بوئىنۇس-ئايرېس، 16 مىليون 216 مىڭ.

19. ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرى، 15 مىليون 490 مىڭ.

20. نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرى، 15 مىليون 487 مىڭ.

21. ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرى، 15 مىليون 477 مىڭ.

22. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇل، 15 مىليون 311 مىڭ.

23. پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرى، 15 مىليون 292 مىڭ.

24. كونگو پايتەختى كىنشاسا، 15 مىليون 56 مىڭ.

25. خىتاينىڭ شىنجىن شەھىرى، 14 مىليون 678 مىڭ.

26. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى جوھاننېسبۇرگ-پىرېتورىيا، 14 مىليون 167 مىڭ.

27. ھىندىستاننىڭ بانگالور شەھىرى، 13 مىليون 999 مىڭ.

28. ۋىيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى خۇچىمىن، 13 مىليون 954 مىڭ.

29. ئىران پايتەختى تېھران، 13 مىليون 819 مىڭ.

30. بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى رىئودى ژانىرو، 12 مىليون 486 مىڭ.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 830 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2022 11:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق