دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا تەبرىكلەش، خاتىرىلەش پائالىيىتى تەشكىللىدى.
20-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىغا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە «دۇنيا ئانا تىل كۈنى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئانا تىلنى قوغداش، ئىشلىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى نامايان قىلىندى. پائالىيەتكە ۋىرگىنىيە، مارىلاند ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، 300 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرچە ئېتۇت، دىراما ئورۇنلاش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، تېپىشماق تېپىش قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى پارىژ ئۇيغۇر مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن بولۇپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى.
ئۇندىن باشقا قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش، قوغداش مەزمۇنىدىكى تۈرلۈك نومۇرلار كۆرسىتىلدى.
ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىمۇ ئالدىنقى شەنبە تور ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئوقۇغۇچىلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، نەسر ئوقۇش، دىراما، مۇزىكا ئورۇنلاش قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، ئانا تىل سۆيگۈسىنى نامايان قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ