ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارشى تۈزۈلگەن «خىتاي پىلانى»غا تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پات يېقىندا «خىتاي پىلانى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قارارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇندىن ئىلگىرى بىر قىسىم سودا ئۇيۇشمىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار بايدېن ھۆكۈمىتىگە شىكايەت قىلىپ، مەزكۇر تەدبىرنىڭ ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاسىيالىق پىروفېسسورلارغا نىسبەتەن گۇمانىي قاراشنى كۈچەيتىپ، ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا بولغان قىزغىنلىققا سۇ سەپكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاسىيالىقلارغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
«خىتاي پىلانى» بولسا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئېلىپ كەلگەن دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارشى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك تەدبىرى بولۇپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ۋە تور جىنايىتى قاتارلىق قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت بىخەتەرلىك بۆلۈمى ئۈچ ئاي داۋاملاشقان باھالاش جەريانىنى تاماملايدىغان بولۇپ، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش دائىرىسىنىڭ «خىتاي پىلانى» دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتمەسلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ (FBI) باشلىقى كىرىستوفېر رېي ئالدىنى ئايدىكى سۆزىدە مەزكۇر ئىدارىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋە تېخنىكىلارنى ئوغرىلاش قىلمىشىغا قارىتا 2000 دىن ئارتۇق ئاشكارا تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلغانلىقىنى، تەخمىنەن ھەر 12 سائەتتە بىر قېتىم خىتاي ئىستىخبارات ھەرىكىتىگە ئالاقىدار يېڭى دېلونىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە: «ھېچقانداق دۆلەت خىتايغا ئوخشاش بىزنىڭ ئىدىيەمىزگە، يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىمىزگە بۇنچىلىك زور كۆلەمدە تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ باقمىدى» دەپ تەكىتلىگەنىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسا مەزكۇر پىلانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتقانلىقىدىن دېرەك بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم