ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر ئەركىن دۇنياغا قايتقاندىن كېيىن خىتاينى ئەيىبلىدى

16 كۈن داۋاملاشقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 20-فېۋرال ئاخىرلاشقان بولۇپ، بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر ئەركىن دۇنياغا قايتقاندىن كېيىن خىتاينى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقى ئاستىدا باشلانغان بېيجىڭ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بىر قىسىم چەت ئەللىك تەنھەرىكەتچىلەر ئەركىن دۇنياغا قايتقاندىن كېيىن خىتاينى ئەيىبلەشكە باشلىغان. جۈملىدىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك چانا تېيىلىش ماھىرى ناتالى گېيسېنبېرگېر گېرمانىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ ھەرگىز خىتايغا بارمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتايغا بېرىشنى ئۆزۈم تاللىغان ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك باردىم» دېگەن.

ئۇ بېيجىڭغا بېرىشتىن ئىلگىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچار بولغان خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ 8-فېۋرال، يەنى قىشلىق ئولىمپىك مەزگىلىدە: «سىز چوقۇم قاچان، قەيەردە نېمە دېگەنلىكىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك» دېگەنىدى.

ئۇندىن باشقا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن شىۋېتسىيەلىك نىلس ۋان دېر پوئېل بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان ۋاقتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈشتىن ئېھتىيات قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا: «ئەگەر مەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ۋە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئويلىسام، كىرىش ئالدىدا تۇرغان سىستېمىنى تەنقىدلىشىم ئاقىلانىلىك ئەمەس» دېگەن. ئۇ ئولىمپىك ئاخىرلىشىپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى تەنقىدلەپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلغان خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارالىق تەنھەرىكەتچىلەر ھوقۇقى تەشكىلاتى «دۇنياۋى تەنھەرىكەتچى»نىڭ باش كاتىپى روب كوخلېر ئولىمپىكتىن ئىلگىرى خەلقئارالىق تەنھەرىكەتچىلەرنى قوغداش كۈچىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسىمۇ: «ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى بېيجىڭدىكى مۇسابىقە جەريانىدا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. چۈنكى خىتاي رېجىمى رەھىمسىز، قارا نىيەت» دېگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1036 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2022 11:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق