داڭلىق مودېل ھىجابلىق مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن بىر سەپتە تۇردى

دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ھىجابلانغان ئاياللارنى كەمسىتىش دولقۇنى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، داڭلىق مودېل بېللا ھەدىد دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھىجابلانغان مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن بىر سەپتە تۇردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىلىق مودېل بېللا ھەدىد بىر قىسىم دۆلەتلەردە ھىجابلانغان ئاياللارنى كەمسىتىش مەسىلىسى ئېغىرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مۇسۇلمان ئاياللارنى كەمسىتكۈچى دۆلەتلەرنى تەنقىدلەپ، ھىجابلانغان ئاياللارنى كەمسىتىش مەزمۇنىدىكى قارارلارغا قايتا قاراپ چىقىشنى، ھىجابلانغان ئاياللارنىڭ كىيىنىشىنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بېللا ھەدىدنىڭ تېگى پەلەستىنلىك بولۇپ، ئۇ يازمىلىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتتە قىز-ئاياللارنىڭ ئەزەلدىن ھەر خىل پاسوندىكى رومال ۋە ياغلىقلارنى تاقاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك كەمسىتىلىشكە، ھەرخىل قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەسلىدە ھەربىر ئايالنىڭ بەدىنىنى قانداق ئورىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۆزىگە خاس ئېتىقادى ۋە قارارى بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇنى باشقىلار ئەمەس، پەقەت ئۆزى قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يازمىسىدا: «مەن نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاچا-سىڭىللىرىمنى ئۇچرىتىمەن. ئۇلار ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. مۇسۇلمان خانىم قىزلارغا قىلىنغان بۇ خىل كەمسىتىش قىلمىشلىرى ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقچىلىقتۇر» دېگەن ۋە دۇنيا خەلقىگە خىتاب قىلىپ: «گەرچە بىرەر خەتەرگە دۇچ كەلسىڭىزمۇ، مۇسۇلمان دوستلىرىڭىزنى قوللاڭ، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇڭ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بېللا ھەدىد بۇ تەنقىدىي يازمىلىرىنى ھىندىستان ۋە فىرانسىيەنىڭ بەزى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە مۇسۇلمان قىز-ئاياللارغا قارىتىلغان ھىجابلىنىشنى چەكلەش ھەرىكىتى كۈچىيىشكە باشلىغاندا يازغان. ئۇ يازمىسىنى ئۆزىنىڭ ئىنستىگرام ھېسابىدا ھىجابلانغان قىزلارنىڭ رەسىمى بىلەن قوشۇپ يوللىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە تور بەتلەردە تارقىتىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3326 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2022 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق