ئاۋسترالىيە خىتايدىن ھۇجۇم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئاۋسترالىيە ھەربىي ئايروپىلانىغا لازېر نۇرى قورالى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تولۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانىغا لازېر نۇرى قورالى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقە يۈز بەرگەندە خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئاۋسترالىيە تەۋەلىكىگە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايدىن بۇ ۋەقەنى تولۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مورىسون بۈگۈن رادىيو ئارقىلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك خىتايدىن ھېچقانداق چۈشەنچە ئالالمىغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ ۋەقەنى خەتەرلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بىر خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ھەربىي ئايروپىلانىغا لازېر نۇرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

مورىسون بۈگۈن مۇخبىرلارغا ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك خەلقنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنى كۆرەلىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاينىڭ ۋەقەنى تولۇق تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كانبېررادىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، بېيجىڭمۇ بۇ ۋەقەگە ئوچۇق-ئاشكارا چۈشەنچە بەرمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 741 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2022 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق