خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ جازا قارارىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، تەيۋەنگە ئىزچىل قورال سېتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەنگە ئۇزۇندىن بېرى قورال سېتىپ كەلگەن ئامېرىكا ھەربىي شىركەتلىرىدىن رېيزيون ۋە لوكھىد مارتېنغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن تەيۋەنگە قورال سېتىشنى ۋە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ئالاقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 2019 ۋە 2020-يىللىرى مەزكۇر ئىككى شىركەتكە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىسى خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن چىقارغان قارارى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي رېجىمى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، 16 ماددىلىق بۇ قانۇن ۋىزا بىكار قىلىش، خىتايدىكى مال-مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش ۋە توڭلىتىش قاتارلىق ئۈچ خىل تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئامېرىكا 2-ئاينىڭ بېشىدا تەيۋەننىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئاسراش، ياخشىلاش ئۈچۈن، 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت سېتىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئاساسلىق ھۆددىگەرلىرى رېيزيون ۋە لوكھىد مارتېن شىركىتى ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ ھەربىي ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، تۈرلۈك جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 622 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2022 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق