مائارىپ جەمئىيىتى ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرى ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلىدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار 21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلىدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرى 21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەپ، مەخسۇس نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

ئانا تىلنى قەدىرلەش، ئانا تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر ئالدى بىلەن «ئانا تىل» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن «ئانا تىلىم» ناملىق نەسرنى چۈچۈك ئاۋازلىرى بىلەن يەككە ۋە ئوپچە شەكلىدە ئوقۇدى. ئوقۇغۇچىلار يەنە ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تېپىشماقلارنى تېپىش، ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر، قوشاقلارنى كوللېكتىپ شەكىلدە ئورۇنداش قاتارلىق نومۇرلارنى سۇنۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇھاجىرەتتە قەدىرلىنىپ، ياڭراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1306 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2022 13:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق