Airbnb تەنقىدكە قارىماي شەرقىي تۈركىستاندىكى سودىسىنى داۋاملاشتۇرغان

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك ئامېرىكا شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا سودا قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، داڭلىق خەلقئارالىق شىركەت Airbnb تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى سودىسىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لوندونغا جايلاشقان، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات «ئەركىن تىبەت»نىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرىدىن بىرى Airbnb نىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى نەچچە يۈزلىگەن ئىجارە تۇرالغۇسى ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەن.

كالىفورنىيەدىكى سان فىرانسىسكو جايلاشقان Airbnb بولسا ناسداق تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان، تور سۇپىسىدا ساياھەتچىلەر بىلەن ئۆي ئىجارىگە بېرىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان داڭلىق شىركەت. 2020-يىلى Airbnb خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى 2028-يىلغىچە قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەركىن تىبەت تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار Airbnb نىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا 700 دىن ئارتۇق تۇرالغۇ تىزىملىكىدىن پايدا ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 380 دىن ئارتۇق ئۆي، تىبەتتە بولسا 300 دىن ئارتۇق ئۆي Airbnb سۇپىسى ئارقىلىق ئىجارىگە بېرىلگەن.

Airbnb فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلغان ئورۇندا سودا قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە قاتتىق باسقۇچلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشىنىڭ (CAIR) ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇدىرى روبېرت مىكاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مۈجمەل ئىكەن. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكىدا باشقا، چەت ئەلدە باشقا قوش ئۆلچەم قوللىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 849 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2022 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق