خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى يوقىتىشتىكى بەش يىللىق پىلانىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ، تۈرلۈك باستۇرۇشلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەھەللىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك داۋاملىشىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2021-يىلىدا شەھەر-بازارلاردىكى 231 مىڭ 500 ئائىلىگە چېتىلغان 1714 ئولتۇراق رايوننى چېقىپ ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ يىل بولسا شەرقىي تۈركىستاندا 1273 ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ 203 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىگە چېتىلىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە 5761 ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ 870 مىڭ ئائىلىگە چېتىلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققاندىن سىرت، يەنە  مەخسۇس بۇ ھەقتە ئاتالمىش «يېتەكچى پىرىنسىپلار»نى بېسىپ تارقاتقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي ئىزلارنى، مەھەللە، قوشنىدارچىلىق كۈلتۈرىنى ۋە بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول ۋە نازارەت قىلىش، نوپۇس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئالدىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلغان ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدا بىلدۈرۈلگەن قارارلاردىن، خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليون 750 مىڭ كىشىنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىدىغانلىقى، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان جازا لاگېرىغا قامىلىدىغانلارنىڭ بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1172 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2022 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق