ب د ت باش كاتىپى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كەسكىن ئىپادە بىلدۈردى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنى شەرقىي تۈركىستاننى «ئىشەنچلىك» ھالدا زىيارەت قىلدۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس 18-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنى شەرقىي تۈركىستاننى «ئىشەنچلىك» ھالدا زىيارەت قىلدۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ جاۋابىدا ئەگەر خىتاي باشقىلار ئەيىبلىگەندەك ئىشلارنى قىلمىغانلىقىغا ئىشەنسە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشەنچلىك تەرىقىدە زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، بۇ زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشمىسا، ئالىي ئەمەلدار (مىشېل باچېلېت)نىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ماس ھالدا قارار چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىزچىل سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ يېقىندا ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، ئەمما زىيارەتنىڭ تەكشۈرۈش خاراكتېرىنى ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى گۇتېرېسنىڭ بۇ ئىپادىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ گۇتېرېسنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى مەسىلىسىدە بۈگۈنگە قەدەر قىلغان ئەڭ كۈچلۈك سۆزى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، «ئىشەنچلىك زىيارەت قىلىش»نىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننى توسالغۇسىز ۋە كونترولسىز زىيارەت قىلىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە مىشېل باچېلېت ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىدىغانلىقى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇلار بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما دوكلات ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 988 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2022 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق