ئەلىبابا بىلەن تېڭشۈن ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا 2021-يىللىق «سېسىق نامى پۇر كەتكەن بازارلار» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ تېڭشۈن ۋە ئەلىبابا قاتارلىق داڭلىق شىركەتلىرىمۇ بۇ قارا تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.

گېرمانىيە ئاۋازنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 17-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، 42 تور بازىرى ۋە 35 ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2021-يىللىق «سېسىق نامى پۇر كەتكەن بازارلار» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكەتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار تاۋارلارغا ساختا ماركا ئىشلىتىش، نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئەيىبلەنگەن. بۇ تىزىملىكتە يەنە خىتاينىڭ تېڭشۈن، ئەلىبابا قاتارلىق كۆپلىگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكەتلىرى  كىرگۈزۈلگەن.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تىزىملىككە ئەلىبابا گۇرۇھىنىڭ خەلقئارالىق تور سودا سۇپىسى AliExpress ۋە ئۈندىدار تور سودا سۇپىسى تۇنجى بولۇپ كىرگۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى خىتايدىكى مۇھىم تور بازىرى بولۇپ، ئۇلار زور مىقداردىكى ساختا تاۋار ماركىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرغان.

ئۇندىن باشقا تىزىملىكتە يەنە تاۋباۋ ۋە بەيدۇ شىركىتىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى بولغان بەيدۇ تور دىسكىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئامېرىكا سودا ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ بازارلىرى ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش ۋە سېتىش بىلەن نام چىقارغان.

ئەلىبابا شىركىتى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، تور سۇپىسىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 845 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2022 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق