8-مارت دۇنيا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، جۈملىدىن قىز-ئاياللارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىگە قارشى يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
«كۆك يۈرۈش» ناملىق مەزكۇر يۈرۈش پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىززەت-ئابرۇيلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان قىز-ئاياللارنىڭ پەريادىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش، خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يۈرۈش پائالىيىتى 8-مارت كەچ سائەت يەتتىدە باشلىنىدىغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىدىن بەيازىت جامەسىگىچە يۈرۈش قىلىنىدىكەن ۋە بەيازىت مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم