رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنگلىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا «تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقى خەرىتىسى»نى ئېلان قىلدى.
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ھېسابىدا: «بىز رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگرا رايونىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت كۆرمىدۇق. رۇسىيە ئاگاھلاندۇرمايلا تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن» دېگەن.
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى ئىككى باسقۇچلۇق ئىجرا قىلىنىدىكەن. بۇ پىلاننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى بېلارۇسىيەدىن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا ئىككى لىنىيەدىن ھۇجۇم قىلىدىكەن. بۇ قىسىملارغا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رۇسىيە قىسىملىرى ياردەم قىلىدىكەن.
رۇسىيە قىسىملىرى يەنە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس بۆلگۈنچىلىرى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىغا ئىككى يولدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، بۇ رايوننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، دىنىپرو شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدىكەن.
ئىككىنچى باسقۇچتا رۇسىيە ئەسكەرلىرى دىنىپرو شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەردىن مولداۋىيەگە 130 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋىننىتىسيا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، قىرىمدىكى رۇسىيە قىسىملىرى قارا دېڭىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە پورت شەھىرى ئودېسساغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ «توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ۋە تىنچلىقنى ساقلاشنى تاللاش» ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر