ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھېلېنا كېنېدى خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزى بىلەن ھۆكۈمەتسىز تەتقىقات ئورگىنى نوموگايا بىرلىكتە تەييارلىغان يېڭى بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ تارماق ئورگىنى بولغان «خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى» شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق كارخانىلارنى نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.
«مەبلەغ سېلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق: تەرەققىيات مەبلىغى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىرىزىس» سەرلەۋھەلىك مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى «ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى» رەقەملىك ئىسپات توپلاش تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى خىتاينىڭ تۆت شىركىتىنى قەرز بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر-زېمىن ئىگىلىۋېلىش، مۇھىتنى بۇلغاش، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق ئىكەن.
دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان تۆت خىتاي شىركىتى چېنگۇاڭ بىيو-تېخنىكا گۇرۇھى، لوتو گۇرۇھى، شىجې ياڭگۇاڭ گۇرۇھى ۋە جيۇجوتۇڭ دورىگەرلىك گۇرۇھى ئىكەن. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا سودا قىلىۋاتقان تۆت شىركەتكە تەخمىنەن 486 مىليون دوللار بىۋاسىتە قەرز بەرگەن ۋە پاي مەبلىغى سالغان.
خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتى دۇنيا بانكىسى گۇرۇھىنىڭ خۇسۇسىي ئورگانلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان تەرەققىيات ئورگىنى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىككە مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلغان ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەرەققىيات ئورگىنى ھېسابلىنىدىكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شىركەتنىڭ ئاشكارىلىشى، تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقلىرى، ئورگان تاراتقۇلىرى ۋە باشقا ئاشكارا ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ تۆت شىركەت خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە مەجبۇرىي يەر-زېمىن ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىغا بىۋاسىتە قاتناشقان ۋە مەنپەئەتلەنگەن. مەزكۇر تۆت شىركەت يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن قەسەم قىلىشنى، ئىدىيەۋى تەربىيەنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان تۈرلەرگە، شۇنداقلا خەلقنى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بولمىغان خەتەرلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشقا تەقسىملەش، مۇھىتقا ۋە مەدەنىي مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق تۈرلەرگە قاتناشقان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەتلەر خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى تەلەپ قىلغان نازارەت قىلىش ۋە باھالاشنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنمۇ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلەرگە داۋاملىق يېڭىدىن مەبلەغ سالغان. دوكلاتتا خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ ھېچقانداق بىۋاسىتە نازارەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش جىنايىتىنى ئۈنۈملۈك قوللىغانلىق، دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەزكۇر دوكلاتقا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بۇ ئاساسسىز، غەرەزلىك ھالدا تەييارلانغان ساختا دوكلات» دەپ بىلجىرلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ