ھىندىستان ئالدىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ 54 ئەپ دېتالىنى چەكلىگەندىن كېيىن، يەنە خىتاي پەن-تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېينىڭ ھىندىستاندىكى ئىشخانىلىرىنى تەكشۈردى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان باج ئىدارىسى ئەمەلدارلىرى 16-فېۋرال خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى گۇرگائون ۋە بانگالور رايونلىرىغا جايلاشقان ئىشخانىلىرىغا بېسىپ كىرىپ ئاقتۇرغان.
خۇاۋېينىڭ مەسئۇللىرى ھىندىستان باج ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، بىر نەچچە كىشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ يەرلىك قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلاۋە قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى بۇ ۋەقەگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئەمما يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالاقىدار دائىرىلەر خۇاۋېينىڭ ھۆججەت ۋە ھېسابلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ ھىندىستاندىكى ۋە چەت ئەلدىكى سودا ھەرىكىتىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان.
خىتاي ئانالىزچىلار بولسا پەردە ئارقىسىدا چوقۇم سىياسىي مۇددىئا بارلىقىنى، سىياسىي مەقسەتنى سودا ساھەسىگە چېتىۋالغانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە خىتاينىڭمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى ئېگىز-پەسلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
2020-يىلى خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشى تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونىنىڭ شەرقىدىكى لاداخ رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ئەسكەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا 20 ھىندىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن، خىتاينىڭ تۆت ئەسكىرى ئۆلگەنىدى. ئۇندىن باشقا ھىندىستان ھۆكۈمىتى تور جاسۇسلۇقىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 200 نەچچە ئەپ دېتالىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ