خىتاي بۇ يىللىق سۈرگۈن ۋە جازا لاگېرى پىلانىنى ئاشكارىلىدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنلەردە ئاچقان خىزمەت يىغىنىدىن بۇ بىر يىل ئىچىدىمۇ مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىش ۋە جازا لاگېرىغا قامىلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن سىرت، لاگېر سىرتىدىكى خەلقنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى خىزمەت پىلانى بۇ جىنايەتلەرنىڭ بۇ يىلمۇ زور كۆلەمدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 15-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدىكى خىزمەتلىرى خۇلاسىلەنگەن ۋە بۇ يىللىق پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر پىلانغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رېجىمى 2022-يىلى ئاتالمىش «يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليون 750 مىڭ كىشىنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىدىكەن.

يىغىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ خىتايغا نىسبەتەن مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن. خەۋەردە خىتاينىڭ بۇ جىنايەت پىلانلىرى «ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن پەردازلانغان.

ئۇندىن باشقا بۇ يىغىندا تىلغا ئېلىنغان «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى»مۇ ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، بۇ بىر يىل ئىچىدە مەزكۇر ئاتالمىش «تەربىيەلەش»كە قاتناشتۇرۇلىدىغانلار بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي رېجىمى ئىزچىل ھالدا جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن ۋە بۇ جىنايىتىنى دەل «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ جار سېلىپ كەلگەنىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاقالدى، دەپ دەۋا قىلىۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىلمۇ مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى جازا لاگېرىغا قامايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

خىتاي 2020-يىلى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە ھەر يىلى بىر مىليون 300 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش»كە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ ئاساسەن، بەش يىل ئىچىدە جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ سەككىز مىليونغا يېقىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1350 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2022 10:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق