ئەنگلىيە ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ھىندى ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 34 مىليون دوللار خىراجەت ئاجرىتىشقا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بۈگۈن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون بىلەن سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن چاقىرىق قىلغان ھەمدە رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
يىغىندىن كېيىن ئىككىيلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ھەرقانداق تەرىقىدە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ غايەت زور ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىرلەشمە باياناتىدا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئالاقىدار ۋەزىيەتكە ۋە بۇ ھەقتىكى دوكلاتلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان. مورىسون بىلەن جونسون يەنە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
مورىسون بىلەن جونسون سۆزىدە: «ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان خىراجەت تور بوشلۇقى، دۆلەتكە كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئىككى تەرەپلىك تور سۆھبىتىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك دىيالوگ يىغىنى ئاچقان بولۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەھدىتتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇنىڭدا خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي بېسىم چۈشۈرۈش ۋە ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلىش قىلمىشى مەقسەت قىلىنغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ