شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيە ۋە خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش نىشانى بىلەن، ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.
16-فېۋرال ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان گۇرۇپپىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، «ئىشغالىيەتتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققىچە» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ 1949-يىلى قوراللىق تاجاۋۇز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنى، تۈرلۈك چەكلىمىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ ئەركىنلىكلىرىنى، ئېتىقادىنى چەكلىگەنلىكىنى، بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇپ، سەككىز مىليونغا يېقىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئېتىقادىدىن، كۈلتۈرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تامامەن يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ۋە جىددىي ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى مۇراسىمدىن كېيىن ئۆزى يازغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي يۈزى» ناملىق كىتابىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ھەدىيە قىلدى.
مۇراسىمغا يەنە ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ «قىزىل قىيامەت» ناملىق كىتابىنى مىسال كەلتۈرگەن تەرىقىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىغا زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر گۇرۇپپا تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (IHH) ياشلار شۆبىسى بىلەن ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى كۇلۇبىنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ