ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئىشتاتلىق كېڭەش پالاتاسى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ۋىسكونسىندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىسكونسىن ئىشتاتلىق كېڭەش پالاتاسى 15-فېۋرال جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۈچ تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان بولۇپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ۋىسكونسىندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىققۇچىلار بۇنى «ئىرقچىلىق، مەۋجۇت بولمىغان مەسىلىنى نىشانلىغانلىق» دېگەن. ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان قوللىغۇچىلار بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ مەزكۇر ئىشتاتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا سىڭىپ كىرىشىگە قارشى يەنە بىر قاتلام مۇداپىئە بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئالبېرتا دارلىڭ بۇ ھەقتە: «بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز خىتايلاردىن نەپرەتلەنگەنلىكىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ئارمىيەسىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈندۇر» دېگەن.
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى روگېر روس خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئېچىۋېتىلگەن خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەقلىي مۈلۈك ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق، ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنى نىشانلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى يۇمشاق ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللاندى» دېگەن.
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرىدە ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت سىستېمىسىغا تەۋە ھەرقانداق مەكتەپنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەر قانداق ئەزاسىنى قوبۇل قىلىشى ياكى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىشى چەكلىنىدىكەن.
يەنە بىر تەكلىپتە ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت سىستېمىسىغا تەۋە ھەرقانداق مەكتەپتە خىتاينىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ھەرقانداق ئورگىنىنى تەسىس قىلىشى ياكى ئېتىراپ قىلىشى، شۇنداقلا ياردەم قوبۇل قىلىشى چەكلىنىدىكەن.
ئۈچىنچى قانۇن لايىھەسىدە بولسا ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرگە چېتىشلىق تەتقىقات، توختام ۋە سوۋغاتلارغا ئالاقىدار ئۇنىۋېرسىتېت ئورگانلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە يېڭى تۈرلۈك ئاشكارىلاش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئۈچ تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى بارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر قوللىغان، بارلىق دېموكراتچىلار قارشى چىققان. مەزكۇر قانۇن لايىھەلىرى نۆۋەتتە ئىشتاتلىق ئاۋام پالاتاسىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ يەردە ماقۇللانسا، ئىشتات باشلىقىنىڭ ئىمزالىنىشىغا سۇنۇلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ