خىتاي نوپۇسنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور كۆلەملىك پىلان ئوتتۇرىغا قويدى

خىتاي نۆۋەتتە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور كۆلەملىك پىلان تۈزۈپ چىققان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقان تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى زور كۆلەملىك پىلان ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەكتەپلەردە جىنسىي تەربىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ياش ئەر-ئاياللارنى كەم دېگەندە ئىككى بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ھازىرلانغان. بۇ پىلاننىڭ بىر قىسمى تېخى تەپسىلىي ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، ياش ئاياللارنى بالا چۈشۈرمەسلىككە قايىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى يەنە ئۈچ بالىلىق بولۇشقا رۇخسەت قىلغانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقىرى تۇرمۇش خىراجىتى، بولۇپمۇ ئۆي سېتىۋېلىش  ۋە مائارىپ چىقىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى دېگەندەك ۋەزىيەت ئالدىدا، خىتاينىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە ئازغىنە ئىقتىسادىي ياردەم قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ئائىلىلەرگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. بولۇپمۇ شەھەردە ياشايدىغان ياش خىتايلار بىر بالا بولسا ياخشى، دەپ قارايدىكەن. خىتاي رېجىمى بولسا توي قىلىش، ئائىلە قۇرۇش ۋە كۆپ بالىلىق بولۇشقا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق، نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.

خىتاينىڭ پىلانىغا ئاساسەن، جىنسىي تەربىيە بىلىملىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. بۇلتۇر خىتايدا توققۇز مىليوندىن ئارتۇق بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ %40 ى ياش-ئۆسمۈرلەرگە چېتىلىدىكەن. خىتاي بۇنىڭغا جىنسىي تەربىيە بىلىملىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەب بولدى، دەپ قارىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر نوپۇس كۆپەيتىش پىلانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس چەكلەش سىياسىتىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 703 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2022 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق