خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پانۇس بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى

خىتاي رېجىمى بۇ يىلمۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەلقنى خىتايلارنىڭ پانۇس بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى.

خىتاي يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش، چەكلىمە قويۇش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك رەزىل ئۇسۇللار بىلەن خىتاينىڭ ھەرخىل بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە، تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ۋاسىتىسى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان-ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى نازارەت قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پانۇس بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، 13-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس ناھىيەسىدە ئاتالمىش «گۈللۈك پانۇسلار ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش، پانۇس بايرىمىدا بەخت تىلەش» دېگەن تېمىدا پائالىيەت تەشكىللەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئۆز مەدەنىيىتىگە زىت بولغان بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان.

خەۋەردە يەنە كۇچا شەھىرىدە ۋە يېزا-كەنتلەردە خەلقنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك كوچا سەييارە ئويۇنى پائالىيىتىگە تەشكىللەنگەنلىكى، قەشقەر شەھىرى چاسا كوچىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، داقا-دۇمباق چېلىشقا ۋە خىتايلارنىڭ ياڭگىر ئۇسۇلىنى ئويناشقا تەشكىللەنگەنلىكى، 14-فېۋرال لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ خىتايلارنىڭ بايراملىق يېمەكلىكلىرىنى تەييارلىغانلىقى مىسال سۈپىتىدە قەيت قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بايرام ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلغان.

ئۇندىن باشقا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى، بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە خەلق ئاممىسى بۇتخانىلارنى، خىتايلارنىڭ ئاتالمىش «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»نى زىيارەت قىلىشقا، ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى رەت قىلغۇچىلارنى «ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك» نامىدا قاتتىق جازالاپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1234 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2022 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق