ئىستىقلال تېلېۋىزىيەمىزنىڭ تۈركچە بۆلۈمى يىللاردىن بېرى ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تۈركچە كۈندىلىك خەۋەر، سۆھبەت پىروگراممىلىرى ۋە قىسقا ۋىدىيولار ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك دۇنياسىغا يەتكۈزۈشتە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. تۈركچە بۆلۈمىمىز يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيەدىكى بىر نەچچە رادىيو قانىلى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ سۇپىلىرىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى سۇنۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
مۇشۇ ھەپتىدىن تارتىپ، تۈركىيەنىڭ «Hedef» رادىيو قانىلىدا (چاستوتىسى 91.8) ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى سائەت 16:40 تىن 17:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركچە بۆلۈمىمىز تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى تارقىتىلماقچى. ئۇندىن باشقا تۈركىيەنىڭ «Denge» رادىيو قانىلىدىمۇ (چاستوتىسى 92.1) ھەر سەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئەتىگەن سائەت 08:30 دا ۋە چۈشتىن كېيىن 16:15 تە (بىر ئايدىن كېيىن 16:00 دە) شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى تارقىتىلماقچى.
بۇ خىزمەتلەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي توپلاردا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇلۇشىغا ۋەسىلە بولغۇسى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم