كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى فىرانسىيە مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئەيىبلىدى

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ۋە فىرانسىيەدىكى ئوڭچىل پىكىرلەرنىڭ تارقىلىشىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ياۋروپا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش تورى (ENAR) بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى كۆرمەسكە سېلىش قىلمىشىنىڭ بۇ دۆلەت ئورگانلىرى ئىچىدە ئوڭچىلارنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلات فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋە تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان ئىرقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك قىلمىشلىرى ۋە ھۇجۇمنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۆز-ئىبارىلىرى ۋە ئىستراتېگىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا يەنە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى نامىدا تارقىتىۋېتىلگەنلىكى، مەسچىت ۋە مەدرىسەلەرنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقى، ئۇندىن باشقا مۇسۇلمانلارغا تەۋە بىر قىسىم كارخانىلارنىڭمۇ تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، شۇنداقلا فىرانسىيەدە ئىرقچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ ھوقۇقلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ياۋروپا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاقىدار تەدبىرلەر مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قورقۇنچلۇق تەسىر كۆرسەتكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ جازالىنىشىدا ھېچقانداق قانۇن ۋە رېئاللىق ئاساس قىلىنمىغان. باياناتتا يەنە فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنى «شەيتانلاشتۇرۇپ كۆرسىتىش» تەشۋىقاتلىرىغا قاتناشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ياۋروپا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش تورىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گىسلايىن فىدو فىرانسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 718 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2022 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق