ھىندىستان خىتاينىڭ يەنە 54 ئەپ دېتالىنى چەكلىدى

ھىندىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئابۇنىتلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ 54 يانفون ئەپ دېتالىنى چەكلىدى.

ھىندىستان ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئابۇنىتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە تەھدىت سالدى، دەپ قارالغان خىتاينىڭ 54 يانفون ئەپ دېتالىنى چەكلىگەن بولۇپ، ھىندىستان ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىقى يەنە گۇگېل ئەپ بازىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق ئەپ دۇكانلىرىنى مەزكۇر ئەپلەرنى توسۇۋېتىشكە بۇيرۇق قىلغان.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە خىتاينىڭ مەزكۇر ئەپ دېتاللىرىنى چەكلىگەن. بۇ قېتىم چەكلەنگەن ئەپلەر ئاساسلىقى گۈزەللەشتۈرۈپ سۈرەتكە تارتىش، ۋىدىيو مونتاژ قىلىشقا ئالاقىدار ئەپلەرنى ۋە بىر قىسىم ئويۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمبەھرىلىگەن دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم چەكلەنگەن بىر يۈرۈش ئەپلەر يا بۇرۇن چەكلەنگەن ئەپلەرنىڭ كىلون نۇسخىسى، ياكى مەخپىيەتلىك مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتىگە چېتىشلىق ئەپلەر ئىكەن. بۇ ھەقتىكى باياناتتا: «توپلانغان سانلىق مەلۇماتلار قالايمىقان ئىشلىتىلىپ، دۈشمەن دۆلەتلەرگە جايلاشقان مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن زور مىقداردا شەخسىي سانلىق مەلۇماتلار توپلىنىپ، ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە پۈتۈنلىكىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ، رەتلەپ ئانالىز قىلىش ئۈچۈن تەمىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشىگە ئىشلىتىلگەن» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە بۇ تۈرلۈك ئەپ دېتاللىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى تەكىتلىنىپ: «ئۇندىن باشقا ئېغىر ئەندىشىلەرمۇ بار. چۈنكى بۇ ئەپ دېتاللىرىنىڭ بەزىلىرى بۇرۇن چەكلەنگەن ئەپلەرگە ئوخشاشلا، كامېرا، مىكروفوندىن پايدىلىنىپ، جاسۇسلۇق ۋە كۆزىتىش رولىنى ئالىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئېنىق ئورنىنى بەلگىلەپ، يامان غەرەزلىك تور پائالىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ» دېيىلگەن.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 6-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە خىتاينىڭ 59 ئەپ دېتالىنى چەكلىگەن بولۇپ، 2020-يىلى 8-ئايدا يەنە بۇ خىل ئەپلەرنىڭ كىلونلانغان نۇسخىلىرى بولغان 47 ئەپ دېتالىنى چەكلىگەنىدى. 2020-يىلى 9-ئايدا يەنە خىتاينىڭ 118 ئەپ دېتالىنى، شۇ يىلى 11-ئايدا يەنە 43 ئەپ دېتالىنى چەكلىگەن بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاينىڭ جەمئىي 224 ئەپ دېتالى ھىندىستاندا چەكلەنگەن. بۇلار خىتاينىڭ تىك توك، ئۈندىدار، ئالىپاي قاتارلىق داڭلىق ئەپلىرىنى، PUBG قاتارلىق داڭلىق ئويۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 649 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2022 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق