شاياردىكى بىر قىسىم ئاتالمىش «ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى» ئاشكارىلاندى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول  قىلىش، ھايات كەچۈرۈشتە خىتاي رېجىمىغا موھتاج قىلىش مەقسىتىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا باشلىغان ئاتالمىش «ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى» دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتالمىش «يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى» نامىدا يېزا ئاھالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر، چارۋىلىرىنى ئاتالمىش «ھەمكارلىشىش» نامىدا باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئارقىدىن دېھقانچىلىق قوراللىرىدىن، يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان خەلقنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈن قىلغان. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تارقاقلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش، ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش، شۇنداقلا زور تۈركۈمدە ئەرزان ياكى ھەقسىز ئەمگەك كۈچىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى ئېگەرچى كەنتىدە ئاتالمىش «چوڭ ھەمكارلىق، كىچىك بىرلەشمە ئائىلە» دېگەن ناملاردا مەجبۇرىي قۇرۇپ چىققان بىر تۈركۈم ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە شايار ناھىيەسى قايلور بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئابلىتىپ ھىدايەت تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتالمىش «چوڭ ھەمكارلىق، كىچىك بىرلەشمە ئائىلە» ئەندىزىسى نامىدا بەلگىلىك ساندىكى دېھقان ئائىلىلىرىدىن بىر بىرلەشمە ئائىلە بىرلىكىنى تەشكىللىگەنلىكى، بىرلەشمە ئائىلە بىرلىكى ئىچىدىكى چارۋا، يەر قاتارلىق بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئېگەرچى كەنت 2021-يىلى 4-ئايدا ئاتالمىش «چوڭ ھەمكارلىق، كىچىك بىرلەشمە ئائىلە» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، باشقا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كالا-قويلىرىنى ھەرخىل چىرايلىق ناملار بىلەن يىغىۋالغان بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى داۋاملىق كۆپەيگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 60-يىللىرى ئاتالمىش «كوپىراتسىيەگە پاي قوشۇش» نامىدا خەلقىنىڭ مال-چارۋىلىرىنى يىغىۋالغىنىغا ئوخشاش، بۇ قېتىممۇ شەرقىي تۈركىستاندا مەزكۇر جىنايى سىستېمىسىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرنىڭ سىرتىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىقتىسادىي ئىسكەنجە سېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1199 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2022 11:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق