خىتاينىڭ يېڭى سىياسىتى: شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇت چەكلەش، خىتايدا بالا چۈشۈرۈشنى چەكلەش

ئېغىر نوپۇس كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن خىتاي نۆۋەتتە يېڭى تەدبىر قاتارىدا بالا چۈشۈرۈش نىسبىتىنى ئازايتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، نوپۇس سىياسىتىدىكى بۇ يېڭى ھەرىكىتى كۈچلۈك غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە نوپۇس كۆپەيتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بالا چۈشۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا مۇھىم خىزمەت نۇقتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدا توي قىلمىغانلار ئارىسىدىكى بالا چۈشۈرۈش قىلمىشىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن مەخسۇس ھەرىكەت باشلانغان بولۇپ، ياشلار ئارىسىدىكى بالا چۈشۈرۈش نىسبىتىنى ئازايتىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىكى مەقسەت تۇغۇت ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدەك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى 180 گىرادۇس ئۆزگەرتىپ، بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئۈچ بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى يول قويغان. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتايدا مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەن. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا بولسا خىتاي بالا چۈشۈرۈش ئامبۇلاتورىيەسىنى تاقاپ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ بالىلىق بولۇشىغا ياردەم بېرىشكە، تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. يېڭى ئېلان قىلىنغان مۇھىم خىزمەت نۇقتىسىمۇ خىتاينىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

خىتاي بۇلتۇر 9-ئايدا ئېلان قىلغان تەرەققىيات پىلانىدا، داۋالاشتىن باشقا ئېھتىياج ئۈچۈن بالا چۈشۈرۈشنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت ھەرىكەتلەر تىلغا ئېلىنمىغانىدى. پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يېڭى خىزمەت كۆرسەتمىسىدە بولسا «بالا چۈشۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش» دېگەن ئىبارە ئېنىق تىلغا ئېلىنىپ، باشقۇرۇش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن.

خىتاي سەھىيە كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 1991-يىلى خىتايدا تەخمىنەن 14 مىليون مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بەزى جايلار بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن رەھىمسىز ۋاسىتىلەرنى قوللانغان. 2020-يىلى بۇ سان ئازىيىپ توققۇز مىليونغا چۈشكەن. ئۇندىن باشقا نۆۋەتتە خىتايدا ھەر يىلى توي قىلمىغانلارنىڭ بالا چۈشۈرۈش قېتىم سانى تۆت مىليونغا يەتكەن. كۆپلەپ بالا چۈشۈرۈش تۇغۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتكەچكە، خىتاي رېجىمى بۇنى چەكلەشنى نوپۇس كىرىزىسىدىكى بىر ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارىغان.

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ پىلان دائىرىسىدىكى يېڭى تەدبىرلەر نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بالا چۈشۈرۈش نىسبىتىنى ئازايتىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا پىلانلىق تۇغۇتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەرنى قوللانغان خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ مەسىلىدىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى ئېھتىماللىقتىن يىراق ئەمەس ئىكەن.

خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يېڭى تەدبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق ۋەھشىيانە جىنايەتلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولماقتا. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ بىر دوكلاتىدا، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %48.74 تۆۋەنلىگەنلىكى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەنىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نوپۇس كۆپەيتىش سىياسەتلىرىنىڭ پەقەت خىتايلارغىلا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس چەكلەش سىياسىتىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2022 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق